باسقان قەدىمىڭىزگە مۇبارەك !
بىز تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز ...

تەنھا تىۋىش

تەنھا تىۋىش

مەن يەنە نىمە دەي ، ئۈزۈمنىڭ ئازاپلىق كەچۈرمىشلىرنىمۇ ، ياكى ۋىسالنىڭ ماڭا بىر كۈن كۈلۈپ باقمىغان شۇ قاراڭغۇ تۈنىنىمۇ ؟
ئاھ گۇگۇم چۈشكەن شۇ پەيىت ، قىزغۇچ شەپەق نۇرى پۇتكۈل جاھاننى قاپلىغان مەن يەنە شۇ دەريا بۇيىدا يالغۇزمەن …

غىرىپلىقنىڭ كىپىنەكلىرى باسقان شۇ چىغىر يوللاردا تەنھا ماڭىمەن ،ئەنە مىنىڭ مىسكىنلىكنىڭ تۇمانلىرى قاپلىغان شۇ غىرىپ كەپەم كۈرۈندى …

شۇ غىرىپ كەپەمدە يالغۇز ئولتۇرۇپ ماڭا مۇڭداش سىرداش سازىمنى ئالدىمدە دىل ئەزگۈ مۇڭ كۈيلەرگە چالدىم .

سۈكۈت ھۈكۈم سۈرگەن كەپەمدە يالغۇزمەن .

ئۈز- ئۈزۈمگە نىمىلەرنى پىچىرلايمەن كەچ كۈزنىڭ سەلكىن شاماللىرى دەرەخ يۇپۇرماقلىرنى لەرزان يەرگە چۈشۈرگەندە كۈزۈمدىن ھەسرەتلىك ياش تامچىسىدىن بىر تامچە ئاقتى .

بىلمەيمەن بىر كىمنى ئىزدەيدۇ بۇ كۈڭۈل ئەمما ئۇ كىم ئۇ قەيەردە ئۇنىسى ماڭا نامەلۈم ماڭا پەقەت كۈتۈش ھىجران تۈنلىردە ئەلەملىك تولغۇنۇش ئۇھ تاتىشلا ھەمرا .
خىياللا شۇنچىلىك تاتلىق شۇنچىلىك شىرىن ، چۈشلەر تۇلىمۇ گۈزەل ،تۇلىمۇ رۇمانتىك مەن غىرىپ كەپەمدىن چىقتىمدە يەنە شۇ گۇگۇم پەيتىدە دەريا بۇيىغا چىقتىم، دەرياغا سىڭىپ كىتىپ بارغان قۇياشقا قاراپ ئۇنۇڭ سىماسى دىل ئەينىكىمدە غۇۋا كۈرۈندى .

ئۇ تاتلىق كۈلۈمسىرەپ يەنە غايىپ بولدى .

ئۈزۈمنىڭ يەنە قاچانغىچە ھىجران ئۇتىدە پۇچۇلنۇپ ئۈتۈشۈمنى بىلمەيمەن …

ۋىسالنىڭ يۇلى پەقەت ئەشۈ كۈن پاتقان تۇلىمۇ يىراق بىر جايدا .
ماڭا پەقەت شۇ غىرىپ كەپەمدە ئولتۇرۇپ دىل خانامگە لىققىدە تولغان ئەشۇ ئازاپلىرىمنى تۈن – تۈن تاڭلارغا ئۇلاپ ئۈز – ئۈزۈمگە سۈزلەپ ئولتۇرماقتىن ئۈزگە چارە يوق .

ھەممە خۇددى گۈزەل چۈشتەك ئۇنتۇلغان دەريا بۇيدىكى گۇگۇم چۈشكەن شۇ پەيت تار چىغىر يوللار مۇڭغا چومگەن باغلار غىرىپ كەپە مەن كۈنمۇ تۈن تۈنمۇ تۈن يەككە يىگانە ئولتۇرغان يالغۇز كەپەم ، ھەسرەتتە ئۈرتۈنۈپ ياشايمەن ئۈمۈت يوق ، ئامال يوق پەقەتلا خىيال …
شۇ گۈزەل مىنۇتلانى پەقەت چۈشۈمدىلا كۈرمەن خالاس …

ئويغانغىنىمدا ھىچ نەسە يوق ، كۈزۈمدىن ئىختىيارسىز ياش تۈكۈپ ئاللاھقاا شۇنداق سىغىنىمەن ، ئىھ ئاللاھ ، قىنى مەن كۈتكەن ۋىسال ، قىنى ئۇ مەن كۈتكەن شىرىن مىنۇتلا…
ئەشۇ ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلار قىنى ئۇ زادى نەدە ، زادى نەدە ؟
ھەي جاۋاپ يوق يەنە سۈكۈت ئىچىدە قالدىم يەنىلا شۇ چىغىر يول غىرىپ كەپە كۈل بۇيى مۇڭغا چۈمگەن باغ يەنىلا يالغۇزمەن يەنىلا تەنھا ، تەنھا …

كەپەم بلوگى

قوللاش(1) قوللاش
كۆرسەتمە :كەپەم بلوگى » تەنھا تىۋىش
ھەمبەھىرلەش : يەنە بار (0)

باھا سافا

  • Q Q(选填)
  • 昵称 (必填)
  • 邮箱 (必填)
  • 网址

ئەلدەربەگ ئۇسلۇپلىرى

ئالاقىلىشىڭئالاقىلىشىڭ

خالىغان شەكىلدە قوللىسىڭىز بولىدۇ

ئالپاي چىقىمدانى

ئۈندىدار چىقىمدانى