باسقان قەدىمىڭىزگە مۇبارەك !
بىز تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز ...

رىېئاللىقتىكى چۈش

رېئاللىقتىكى چۈش

روما

بۇ يوللارنىڭ ئاخىرى بارمىدۇ؟ ئەڭ ئاخىرىنى قىياس قىلىشقا تىرىشاتتىم، ئاخىرىنىڭ ئاخىرىغا بېرىپمۇ، سېنى يەنىلا سۆيۈپ قالدىم. «ھېچقىسى يوق» دەيتتى يۈرىكىم. چۈنكى ئۇ سېنى تۇتۇپ قالالمىغىنى بىلەن، ئەسلىمىلەرنى قەلب قەسىرىمگە لىق تولدۇرغان ئىدى. مەن بۇنىڭغا شۈكرى قىلىمەن، ھەممىنى ئۆزۈم بىلىمەن.

مەن سېنى كۈندۈزى ئۇنتۇپ كېتىمەن، كېچىسى تەكىيگە باش قويغىنىمدا، سەن ماڭا كېلىسەن.

ھېلىقى كۈلكىلىرىڭ، كىچىك بالىدەك بەتقىلىقلىرىڭ ئېسىمگە كەلگىنىدە كۈلۈپ كېتىمەن. بۇ كېچىلەردە مەن دائىم سەن بىلەن كىنوخانىغا بارىمەن، سول قولۇڭنى مەھكەم تۇتقىنىمچە كىنو كۆرىمەن. بۇ كېچىلەردە مەن يەنە سەن بىلەن بازارغا چىقىمەن، قولۇڭنى قويىۋەتمەستىن ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىيىملەرنى سېتىۋالىمەن، يېنىڭدا مېڭىۋېتىپ شوخلۇق قىلىۋالىمەن. « كۈلكەم، ئېغىزىڭنى ئاچ! » ، سەن ئامراق تاماقتىن بىر قوشۇق ئېغىزىڭغا مېھرىم بىلەن سېلىۋالىمەن. شۇ تاپتا نەقەدەر خۇشال بولغىنىڭنى دېمىسەڭمۇ بىلىۋالىمەن…

گۈلۈم، شۇ كۈلكەڭ بىلەن ئاپپاراتقا قارا، سەن بۈگۈنكىدەك تەبەسسۇم بىلەن ھېچقاچان رەسىمگە چۈشۈپ باقمىدىڭ.

قوللاش(3) قوللاش
كۆرسەتمە :كەپەم بلوگى » رىېئاللىقتىكى چۈش
ھەمبەھىرلەش : يەنە بار (0)

باھا سافا

  • Q Q(选填)
  • 昵称 (必填)
  • 邮箱 (必填)
  • 网址

ئەلدەربەگ ئۇسلۇپلىرى

ئالاقىلىشىڭئالاقىلىشىڭ

خالىغان شەكىلدە قوللىسىڭىز بولىدۇ

ئالپاي چىقىمدانى

ئۈندىدار چىقىمدانى