باسقان قەدىمىڭىزگە مۇبارەك !
بىز تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز ...

سېغىنىش چېكىگە يەتكەندە

سېغىنىش چېكىگە يەتكەندە

ئايرىلماسلىق ،ئەڭ گۈزەل مۇھەببەت ھېكايىسى، دەيمىز.
ئۇنداقتا، بىرىنى كۈتۈش بولسا ئەڭ ئازابلىق مۇھەببەت ھېكايىسى بولسا كېرەك.
نەچچە كۈن بۇرۇن سېغىنىش ۋە كۈتۈش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر قىسقا كارتون فىلىم كۆرۈپ قالدىم. ھېكايە گەرچە ئاددى بولسىمۇ، لىكىن كۆرگەن ئادەمنىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ كۆزلىرىگە ياش كېلىدۇ.
كۆپچىلىك بىلەن بۇ كارتون فىلىمنى تەڭ ئورتاقلاشقۇم كەلدى.
فىلىم نامى : <دادا ۋە قىز> . دوۋبەن تورىدىكى باھا نومۇرى 9.2 نومۇر. فىلىم 73-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ ياخشى قىسقا فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ھېكايە كۈز ئاخشاملىرىنىڭ بىرىدە دادا بىلەن قىز ۋېلىسپىت مېنىپ ئورمانلىقتىكى چىغىر يولدا ماڭغان كۆرۈنۈش بىلەن باشلىنىدۇ.

ئۇلار دەريا بويىغا كېلىدۇ. دادا دەريادىن ئۆتمەكچى بولىدۇ .

مېڭىش ئالدىدا تۇرغان دادا ئۆرۈلۈپ قىزىنى چىڭ قۇچاقلايدۇ.
ئاخىرىدا، دادا كىچىك قولۋاقنى ھەيدەپ كېتىپ قالىدۇ. قىزچاق دادىسىنىڭ يىراقلاپ كېتىۋاتقان سىماسىغا قاراپ قىرغاقتا قالىدۇ.

ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇردىغىنى، بۇ كۈتۈش مەڭگۈلۈك كۈتۈشكە ئايلىنىدۇ.

قىزچاق بارا بارا چوڭ بولىدۇ. ئۇ كۈندە دەريا بويىغا كېلىپ دادىسىنى كۈتىدۇ.

يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن،ئەينى چاغدا دادىسى دەرەخكە يۆلەپ قويۇپ قويغان ۋېلىسپىت يوقاپ كېتىدۇ. قىزچاق بويىغا يېتىپ ياش قىزغا ئايلىنىدۇ. ئۇ يەنىلا كۈندە دەريا بويىغا كېلىپ دادىسىنى كۈتىدۇ.

دوستلىرى بىلەن بۇيەرگە ساياھەتكە كەلگەندىمۇ، دەرياغا قاراپ دادىسىنى ئەسلەيدۇ.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قىز مۇھەببەتلىشىدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ كۈندە يىگىتنىڭ كەينىدە ئولتۇرۇپ دەريا بويىغا كېلىدۇ.

قىز يېگىتكە دادىىسى توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرمەيدۇ. لېكىن ھەركۈنى كەلگىنىدە قىرغاقتا داۋاملىق دادىسىنى كۈتىدۇ.

قىز توي قېلىپ بىر جۈپ پەرزەنت كۆرىدۇ. ھەم كۈندە بالىلىرىنى ئېلىپ دەريا بويىغا كېلىدۇ.

يولدىشى دەرياغا قاراپ خىيال سۈرىدۇ. بالىلىرى دەريا بويىدا ئوينايدۇ، قىز بولسا خۇددى كىچىك ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش يىراقلارغا قاراپ دادىسىنى ئەسلەيدۇ.

ۋاقىت سۇدەك ئۆتۈپ قىزنىڭ ياشلىقىنى ئېلىپ كېتىدۇ. لىكىن ئۇ كۈندە دەريا بويىغا كېلىپ دادىسىنى كۈتىدۇ.

ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ كەتكەچكە، ئۇ دەريانىڭ قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ.

يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ قېرىپ ۋېلىسپىتنىمۇ مىنەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. لىكىن يەنىلا ۋېلىسپىتنى يېتلەپ دەريا بويىغا كېلىدۇ.

دەريا ئاللىبۇرۇن قۇرۇپ بولغان بولۇپ، ئوت چۆپلەر ئۆسۈپ يايلاققا ئايلىنىپ كەتكەنىدى.

ئۇ دەرياغا چۈشۈپ دادىسىنى ئىزدەش قارارىغا كېلىدۇ.

ئوت چۆپلەر ئارىسىدىن ئۇ توپىغا كۆمۈلۈپ ياتقان بىر قولۋاقنى بايقايدۇ. بۇ دەل دادىسىنىڭ قولۋېقى ئىدى.

ئۇ بېرىپ قولۋاقنى ئاۋايلاپ سىيلايدۇ ھەم قولۋاقنىڭ ئېچىدە دادىسىنىڭ باغرىدا ياتقاندەك تۈگۈلۈپ ياتىدۇ.

ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا ئۇ دادىسىنىڭ ئۆزىنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلايدۇ.

ئورنىدىن تۇرۇپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ يۈگۈرەيدۇ. بارغانسېىرى ياشىرىپ بۇرۇنقى بالا ۋاقتىغا قايتىپ قالىدۇ.

ئاخىرىدا دادىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ .

قىز بىر ئۆمۈر ساقلاپ، ئاخىرى دادىسىنىڭ ئىللىق باغرىغا يېتىدۇ.

فىلىم ئاخىرلىشىدۇ.
بىلگىنىمىزدەك، ئەڭ ئاخىرىدا دادىسى بىلەن كۆرۈشۈش پەقەت قىزنىڭ تەسەۋۋۇرىدۇر. دادا دەسلەپ قولۋاق سۇغا چۆكۈپ كەتكەندىلا ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، قىزنىڭ بىر ئۆمۈر كۈتكىنى نەتىجىسىز بولۇپ چىقىدۇ.
قىز ئەلۋەتتە بۇنى ئويلاپ يېتەلەيدۇ. لىكىن، ئۈمىد ئۇ سېغىنىش چېكىگە يەتكەندە ھەممىنى يېڭىپ چىقىدىغان بىر ئەقىدىگە ئايلىنىدۇ.
فىلىمنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرگە تەسىر قىلىشىدىكى سەۋەب، ھەربىرەيلەننىڭ ناھايىتى سېغىنغان، كۈتىدىغان بىر ئادىمى بار، گەرچە ئۇنى كۈتۈش ئاخىرىدا نەتىجىسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن بولسىمۇ…….

دوۋبەن تورىدىكى نادىر ئىنكاس :
دادا ، سەن كەتكەندىن كېيىن مەن چوڭ بولۇپ باقمىدىم، چۈنكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېنى ئالغىلى كەلگىنىڭدە تونىيالماي قېلىشىڭدىن ئەنسىرەيمەن.

قوللاش(0) قوللاش
كۆرسەتمە :كەپەم بلوگى » سېغىنىش چېكىگە يەتكەندە
ھەمبەھىرلەش : يەنە بار (0)

باھا سافا

ئەلدەربەگ ئۇسلۇپلىرى

ئالاقىلىشىڭئالاقىلىشىڭ

خالىغان شەكىلدە قوللىسىڭىز بولىدۇ

ئالپاي چىقىمدانى

ئۈندىدار چىقىمدانى