باسقان قەدىمىڭىزگە مۇبارەك !
بىز تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز ...

مۇھەببەت ھەققىدە ئېيتىلغان ئەڭ پاساھەتلىك بىر جۈملە سۈز

تاگورنىڭ مۇھەببەت ھەققىدە ئېيتىلغان ئەڭ پاساھەتلىك بىر جۈملە سۆزى

مۇھەببەت، نۇرغۇن كىشىلەر كىچە-كۈندۈز ئەستىن چىقارمايدىغان نەرسە؛ چۈنكى، مۇھەببەتكە ئىرىشكەن ئادەم، كۆپىنچە ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ.

بىراق، مۇھەببەتنى باشتىن كەچۈرگەن كىشىلەردە، مۇھەببەتكە قارىتا ئوخشىمىغان تۇيغۇلار بار بولۇپ، ياكى بىرسى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىگە ئازاپ بەرگەن، ياكى بولمىسا قارشى تەرەپ بۇ تەرەپنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇھەببەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئادەمنىڭ كۆڭلى، ھەرخىل جارەھەتلەرگە تولغان كىلىدۇ.

بۇ سەۋەپلىك، مۇھەببىتىدىن ئايرىلغان كىشىلەر، مۇھەببەتنى قايتا تىلغا ئېلىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار يەنە كۆڭۈل ئازابى تارتىپ قېلىشتىن قورقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆز-ئۆزىنى پەسلەشتۈرۈش دىگەن بۇ سۆز تىلغا ئېلىنغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر كۆپىنچە ئىلگىرىكى مۇھەببىتىنى ئىسىگە ئالىدۇ.

چۈنكى، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى پەس ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى، مۇھەببەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىلىدۇ؛ بولۇپمۇ تايگىرنىڭ ئەڭ پاساھەتلىك ئېيتىلغان بىر جۈملە مۇھەببەت ھەققىدىكى سۆزلىرى، گەرچە پەقەت 19لا سۆزدىن تەركىپ تاپقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇھەببىتىنى چوڭقۇر ئەسلەپ، پەقەت بىر ئېغىزلا سۆزنى خۇلاسىلاپ چىققان، ئۇ بولسىمۇ ئۆزى-ئۆزىنى پەسلەشتۈرۈشتۇر. تىلغا ئېلىغان بۇ بىر جۈملە مۇھەببەت ھەققىدىكى سۆز مۇنداق ئېيتىلغان:

كۆزى ئۇنىڭ ئۈچۈن يامغۇر ياغدۇرۋاتقان، ئەمما يۈرىكى ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈنلۈك تۇتۇپ بىرىۋاتقان بولىدۇ، مانا بۇ مۇھەببەتتۇر. ——تايگىر

مۇھەببەتنى تىلغا ئالمىغان تەقدىردىمۇ، كىشىلىك ھاياتتا، ھەرقانداق بىر ئادەم ھەم ئىچ ئاغرىتىدىغان، ھەم ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان بىر ئادىمىگە يولۇقىدۇ؛ بىراق كۆپ قىسىم كىشىلەر، يەنىلا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى ئۇچراتقانلىق سەۋەبىدىن، ئاندىن ھەم ئاچچىقى كىلىدۇ ھەم ئىچ ئاغرىتىدۇ.

كۆزىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن يامغۇرلارنى ياغدۇرغانلىقى، بىر خىل ئاچچىقلىنىشتۇر. يۈرىكىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈنلۈك تۇتىشى بولسا، بىر خىل ئىچ ئاغرىتىشتۇر؛ بۇ دەل، تايگىر ئېيتقان مۇھەببەت. ئەمما، ئۇنىڭ كۆزىمۇ باشقىلار ئۈچۈن يامغۇر ياغدۇرۋاتقان، يۈرۈكى ئەكسىچە قارشى تەرەپ ئۈچۈن كۈنلۈك تۇتۇپ بىرىۋاتقان بولغاچقا، شۇڭا ئۇ ”ئۆز-ئۆزىنى پەسلەشتۈرۈش“ دىگەن بۇ سۆزنى يېغىنچاقلاپ چىققان.

مۇھەببەت، ئادەمنىڭ مۇشۇنداق ئۆز-ئۆزىنى پەسلەشتۈرىدىغان ھالغا ئەكىلىپ قويىدىغان بولۇپ، ئېغىزىدا دىگىنى بىلەن كۆڭلىدە ئويلايدىغىنى ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئىنىقلا ياخشى كۆرمەيدىغان تۇرسىمۇ، بىراق يەنىلا ئۇنىڭ بارلىق كەمچىلىكلىرىگە قارىتا كەڭ قوساقلىق قىلىپ، كۈلۈپ تۇرغىنىچە، ”قانچىلىك ئىشتى بۇ“، ”ھېچقىسى يوق، مەن سىزنى يەنىلا ياخشى كۆرىمەن“ دىيىشىدۇ.

لىكىن، سىز قايتا بەرداشلىق بىرىپ بولالماي، پارتلاپ چىققان ئاشۇ كۈنى، سىز ئىككەيلەننىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئاخىرقى نوقتىغا يىتىپ قالغانلىقىنى بايقايسىز. ئۇ ئۆزىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ناھايىتى مەردانە ھىسابلايدۇ؛ چۈنكى بۇ دەل مۇھەببەت، ئۇ ئەسلىدە سىزنى، ئىزچىل تۈردە بەرداشلىق بىرىپ كەڭ قوساقلىق بىلەن ئۆتۈپ كىتىدۇ دەپ ئويلايدىغان بولۇپ، سىزنىڭ بۇ قېتىم بۇنداق ئەستايىدىل پوزۇتسىيەدە بولىشىڭىزنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇھەببەتتە كەڭ قوساقلىقى قىلىشنى تاللاشتا، بىر بولسا ئۆمۈر بويى كەڭ قورساقلىقنى ساقلاپ ئۆتسىڭىز بولىدۇ، ياكى بولمىسا باشلىنىشتىلا كەڭ قوساق بولماسلىقىڭىز كىرەك بولىدۇ.

ئۇ سىزنى بىر كاچات سالسا، سىز ئەكسىچە ئۇنىڭ قولىنىڭ ئاغرىغان ئاغرىمىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلىسىز.

نۇرغۇن كىشىلەر، ئۆزىنى يىتەرلىك تۈردە ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەمدىن بىرنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ باققان كىلىدۇ؛ قارشى تەرەپ سىزنى تازا ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدۇ، ئەمما سىز ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكىڭىزدىن جېنىڭىزدىن كىچىشكە رازى بولىسىز. سىز ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن بەزىبىر جەھەتلەردە ئۆزگىرىش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىسىز؛ بىراق ئۇ، ھەتتا كىچىككىنە بىرەر كەمچىلىكلىرىنىمۇ ئۆزگەرتمەيدۇ.

ئۇنىڭ كۆڭلى خاپا ۋاقىتتا، سىز تېخى ھەر ئاماللارنى قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلمىسىڭىز بولمايدۇ. دوستلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ”ئۇ ئەزەلدىن سىزنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان“ دەپ، سىزگە ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىشكە نەسىھەت قىلىدۇ؛ بىراق سىز ئۇنى كۆڭلىڭىزدىن چىقىرۋىتەلمەيسىز، ئۇنى يەنىلا شۇنداق ياخشى كۆرىسىز.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ سىزدىن ئايرىلىپ كىتىپ قالغان ۋاقىتتا، سىز پەقەت كۆزلىرىڭىزدىن ياشلار ئاققۇزغىنىڭىزچە، ”مۇھەببەت بۇنداق قورقۇنچلۇق بولسا، كىيىنكى ئۆمرۈمدە ئىككىنچىلەپ مۇھەببەتلىشىشنى ئويلاشمايمەن“ دەپلا تۇرۇپ قېلىشىتىن باشقىغا قۇربىڭىز يەتمەيدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۆز-ئۆزىڭىزنى پەسلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا چاپلىشىۋالغىنىڭىزغا تېخىمۇ پۇشايمان قىلىپ كىتىسىز؛ ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كىلىپ، ئۇ كۆڭلى خوش بولمىغان ۋاقىتتا، سىزنى تاشلىۋىتىمەن دەپلا تاشلىۋەتتى.

يەنە بىر خىل ئۆز-ئۆزىنى پەسلەشتۈرۈش بولسا، ھېچقانداق نەتىجە چىقمايدىغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى يەنىلا داۋاملىق ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنى ساقلاش

نۇرغۇن ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ ئايرىلىپ كىتىشى، ھېچنىمە دىيىشمەي سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئېلىپ بارغانلىقتىن بولىدۇ؛ ئارىدا قىلىشىدىغان گەپمۇ بولمىسا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئوتتۇرلۇقتىكى مۇھەببەتمۇ سۇسلىشىپ كىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قىلىدىغان ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كىرەك ھەمدە بەك ئۇزۇن سۈكۈتتە تۇرۋالماسلىق، مۇۋاپىق تۈردە ئاز-تولا ئىنكاس قايتۇرۇپ تۇرۇش لازىم.

سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش بولسا، بۇمۇ بىر خىل سۈكۈت ئىچىدە ئۆز-ئۆزىنى پەسلەشتۈرگەنلىك. قارشى تەرەپنى ئىنىقلا شۇنداق ياخشى كۆرىدىغان تۇرىدىغان، قارشى تەرەپكە ئىنىقلا شۇنداق ئىتىبار بىرىدىغان تۇرۇپمۇ، قارشى تەرەپ توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن، ئاندىن ئۈزۈل-كىسىل ئازاپلىنىپ ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىدۇ.

ئەلۋەتتە، مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆز-ئۆزىنى پەسلەشتۈرىدىغان مىساللار تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ھەممىسى كۆڭۈلنى ئازاپلايدىغان، قايتا تىلغا ئېلىشنى خالىمايدىغان ئىشلاردۇر.

تاگور

قوللاش(1) قوللاش
كۆرسەتمە :كەپەم بلوگى » مۇھەببەت ھەققىدە ئېيتىلغان ئەڭ پاساھەتلىك بىر جۈملە سۈز
ھەمبەھىرلەش : يەنە بار (0)

باھا 1

  • Q Q(选填)
  • 昵称 (必填)
  • 邮箱 (必填)
  • 网址
  1. #1

    ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ھەممىسى كۆڭۈلنى ئازاپلايدىغان، قايتا تىلغا ئېلىشنى خالىمايدىغان ئىشلاردۇر.

    alwun  3ئاي ئىلگىرى (08-13)

ئەلدەربەگ ئۇسلۇپلىرى

ئالاقىلىشىڭئالاقىلىشىڭ

خالىغان شەكىلدە قوللىسىڭىز بولىدۇ

ئالپاي چىقىمدانى

ئۈندىدار چىقىمدانى