بلوگ ئىچىلىپ كەتتى ھەي ...

نۇقسانسىز ئىنسان يوق

كەپەم alwun 168℃ 0

بۇرۇن بىر بوۋاي ئۆتكەنىكەن. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆزىگە كەمچىلىكى يوق دوست تاپماقچى بولسىمۇ، تاكى چېچى ئاقىرىپ كەتكۈچە بۇنداق ئادەمنى تاپالماپتۇ. ئۇ، ھايۋانات دۇنياسىدىن كۆڭلۈمدىكىدەك بىرەر دوست تېپىۋالسام ئەجەب ئەمەس، دەپ ئويلاپتۇ-دە، چوڭ ئورمانغا قاراپ يول ئاپتۇ.

بوۋاينىڭ دوست ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى بەس–بەستە قارشى ئاپتۇ.

– ئىككىمىز دوست بولايلى،- دەپتۇ مايمۇن يېڭىلا ئۈزگەن قىپقىزىل يوغان شاپتۇلنى بوۋايغا ئۇزىتىپ،- مەن ھەر كۈنى سىزگە ياۋا مېۋىلەرنى ئۈزۈپ بېرىمەن!

-بولمايدۇ! سېنىڭ بىر كەمچىلىكىڭ بار- ھايۋانلار ئىچىدە ئەڭ كەپسىز سەن. دەپتۇ بوۋاي بېشىنى چايقاپ.

-ئىككىمىز دوست بولايلى! مەن ھەر كۈنى سىزگە ياردەملىشىپ ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلىشىپ بېرىمەن،-دەپتۇ چوڭ پىل قىزغىن ھالدا ئۇزۇن خارتومىنى سوزۇپ بوۋاي بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ.

-ياق!- دەپتۇ بوۋاي ئالدىراپ –تېنەپ قولىنى ئارقىغا يوشۇرۇپ،- سېنىڭ بىر كەمچىلىكىڭ –مىجەزىڭ بەك چۇس، ئاچچىقىڭ كەلسە كۆزۈڭگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدۇ.

توز قانات–قۇيرۇقلىرىنى كېرىپ، پىرقىراپ ئۇسسۇل ئويناپ:

-ئىككىمىز دوست بولايلى، مەن ھەر كۈنى سىزگە ئۇسسۇل ئويناپ بېرىمەن،- دەپتۇ.

-بولمايدۇ!- دەپتۇ بوۋاي توزغا قاراپمۇ قويماي،-سېنىڭ بىر كەمچىلىكىڭ، سەن ئەتىدىن–كەچكىچە باشقىلار بىلەن گۈزەللىك تالىشىپ، ئۆزۈڭنىڭ گۈزەللىكىنى ماختايسەن.

-سىلەر ئادەملەرنىڭ «كەمچىلىكى يوق دوست ئىزدەيدىغان كىشىنىڭ دوستى بولمايدۇ» دېگەن بىر سۆزۈڭلار بارغۇ،- دەپتۇ تاقەتسىزلەنگەن جىگدىچۈك،- سىز ئەمدى قايتىپ بېرىپ يەنە يەككە–يېگانە ياشاۋېرىڭ. بىزنىڭ بۇ يەردىن كۆڭلىڭىزدىكىدەك دوستنى مەڭگۈ تاپالمايسىز.

ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن ھايۋانلار گۈررىدە تارقىلىپ كېتىپتۇ.

كېيىن بىلىملىك، ئاق كۆڭۈل بىر كىشى بوۋايغا:

-باشقىلاردىن بىر ئازمۇ كەمچىلىكى بولماسلىقنى تەلەپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مۇھىمى، باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى تۈزىتىۋېلىشىغا قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بېرىش كېرەك دەپتۇ.

قىستۇرما:

بىز بۇ دۇنيانى ھەر قانچە ئىزدەپ–ئاختۇرساقمۇ، قىلچە ئەيىب–نۇقسانى يوق مۇكەممەل ئادەمنى تاپالمايمىز. ھەر قانداق بىر ئىنسان ھامان مەلۇم ئاجىزلىق، كەمچىلىكلەرگە ئىگە بولغان بولىدۇ. بىز بۇ نۇقتىنى دادىللىق بىلەن ئېتىراپ قىلىشىمىز لازىم ھەمدە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىمىزدىكى ئەيىب-نۇقسانلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز لازىم.

مەيلى دوست تېپىڭ ياكى ئۆزىڭىزگە ھەمراھ ئىزدەڭ ھامان كەڭ قورساق بولۇڭ. ھەرگىزمۇ كىشىلەرنىڭ مەلۇم كەمچىلىكىگىلا ئېسىلىۋالىدىغان ۋە ئۇنى شۇ تۈپەيلىلا كەمسىتىدىغان ئىشنى قىلماڭ. بىلىڭكى، سىزمۇ ئەيىب-نۇقسانسىز ئەمەس، بەلكىم سىزنىڭ كەمچىلىكىڭىز باشقىلارنىڭكىدىنمۇ ئېغىر، يىرگىنىشلىك بولۇشىمۇ مۇمكىن. كەمچىلىكى بار ئىكەن، دەپلا بىراۋنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ. كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى تۈزىتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىڭ. پەقەت دوستانە كۆيۈنۈش، كەڭ قورساقلىق ئارقىلىقلا ئارىدىكى ئاجىزلىقلارنى تۈگەتكىلى، مۇستەھكەم دوستلۇق ئورناتقىلى بولىدۇ.

كەپەم

(3)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى

Hi,ئىلخەتنى چوقۇم يازىسىز جۇمۇ!

  • تەخەللۇس (*)
  • ئىلخەت (*)
  • تور بەت
(3) بۇرادەر باھالاپ بوپتۇ...
  1. باشقىلاردىن بىر ئازمۇ كەمچىلىكى بولماسلىقنى تەلەپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مۇھىمى، باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى تۈزىتىۋېلىشىغا قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بېرىش كېرەك .
    نامسىز2019-08-13 23:48
  2. باشقىلاردىن بىر ئازمۇ كەمچىلىكى بولماسلىقنى تەلەپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مۇھىمى، باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى تۈزىتىۋېلىشىغا قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بېرىش كېرەك .
    ئالۋۇن2019-08-13 23:49
  3. بۇرۇن بىر بوۋاي ئۆتكەنىكەن.
    نامسىز2019-08-14 20:11