例:晨星博客欢迎您光临本站,如有问题请及时联系我。

سۈكۈتتىكى ئاقكۆڭۈللۈك

بايرام مەزگىلىدە، خاڭجۇدىن چېڭدۇغا قاراپ ماڭغان K529 قېتىملىق پويىزدا، ساياھەتچىلەر سانى نورمىدىن بەكلا ئېشىپ كەتكەن ئىدى. بىر دېرىزىگە يانداشقان ئورۇندا ئولتۇرغان بوۋاي ياندىكى يولۇچى بىلەن ئۆزىنىڭ قانچىلىك تەلەيلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە پاراڭلىشىۋاتاتتى، ئەسلىدە، ئۇ شاڭ راۋغا باراتتىكەن، ئالغىنى ئورۇنسىز بېلەت بولۇپ، پويىزغا چىققاندىن كېيىن تەلەي سىناپ بېقىش مەقسىتىدە بىر ياخشى ئورۇننى ئىگىلىۋالغان، ئويلىمىغان يەردىن پويىز قوزغالغۇچە بۇ ئورۇننىڭ ئىگىسى كەلمىگەن ئىدى.

دېرىزىگە ياندىشىپ ئولتۇرغان بوۋاينىڭ يېنىدىكى ئارىلىقتا بىر نەچچە كىشىلەر قىستىلىشىپ تۇراتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئورۇق بىر قىز ئۆرە تۇرغان بولۇپ، قارىماققا 20 ياشلاردا ئىدى، ئۆتۈشۈۋاتقان يولۇچىلار ئۇنى سوقۇپ ئورنىدا تۇرغۇزمايتتى.

بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن بوۋاي قىزغا كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا سورىدى: قىزىم، بۇنداق ئۆرە تۇرۇۋەرسىڭىز بەك جاپادا قالىسىز، سىزمۇ ئەسلى ماڭا ئوخشاش بۇرۇنراق چىقىپ ئورۇن ئىگىلىۋالسىڭىز بوپتىكەن. نەگە باراتتىڭىز؟

«ھېچقىسى يوق بوۋا، مەن جىڭ مېنغا بارىمەن.»

«ئەتە چۈشتە ئاندىن بارغۇدەكسىز، بۇنچە يىراققا ئۆرە تۇرۇپ قانداق بېرىپ بولارسىز؟» بوۋاي بېشىنى چايقاپ ئەنسىرىگەن قىياپەتتە ئېيتتى.

بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن، بوۋاي يەنە بۇرۇلۇپ ھېلىقى قىزغا دېدى: «مۇنداق بولسۇن قىزىم، مەن چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن سىز كېلىپ مېنىڭ ئورنۇمدا ئولتۇرۇۋېلىڭ.»

«ھە ماقۇل بوۋا، رەھمەت سىزگە.»قىز تاتلىق ئاۋازى بىلەن بوۋايغا دېدى، يۈزلىرىدىن مىننەتدارلىق چىقىپ تۇراتتى.

بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن پويىز خادىمى بېلەت تەكشۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ قىزچاقنىڭ بېلىتىنىڭ ئورۇنلۇق بېلەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئەجەپلىنىپ سورىدى: «سىزنىڭ ئورنىڭىز باركەنغۇ؟ نېمىشقا ئولتۇرمايسىز؟»

قىزچاق كۈلۈپ قويۇپ، بوۋاينى ئىشارە قىلىپ دېدى: «70 نەچچە ياشتىن ئاشقان بوۋايكەن، ئۆرە تۇرسا چىداپ بولالمايدۇ.»

«سىز ئۇنىڭغا دېمىدىڭىزمۇ؟ ئۇ بىلمەمدۇ؟» «بۇنى دېسەم قانداق بولىدۇ؟ بىلسە خاتىرجەم ئولتۇرالمايدۇ.» قىزچاق لېۋىنى يالاپ قويۇپ دېدى.

پويىز خادىمى بۇرۇلۇپ ئۇخلاپ قالغان بوۋايغا قاراپ، بېلەتنى قىزچاققا بېرىپ پەس ئاۋازدا دېدى: «مەن بىلەن تاماق ۋاگونىغا بېرىڭ، مەن سىزگە بىر ئورۇن تېپىپ بېرەي.» ئالدىدىكى بىر نەچچە ئادەم بۇ گەپنى ئاڭلىدى، ھەمدە قىزچاققا يول بوشىتىپ بەردى. قىزچاق بېلىنى ئېگىپ ئورۇننىڭ ئاستىدىن ھاسىسىنى ئالدى…

تەسىرلەنگەن كىشىلەرنىڭ قەلبىگە بىر نەرسە ئېغىر تەگكەندەك بولدى…

يازما مەنبەسى كەپەم بلوگى ھەمبەھىرلەشتە بېكەت باشقۇرغۇچىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندى كېيىن نەشىر ھوقۇقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .

ئەخلاقلىق ئىنسانلاردىن بولايلى !

تەخەللۇس*

ئىلخەت*

توربەت