بلوگ ئىچىلىپ كەتتى ھەي ...

بەزى ئىشلار ئاستا ئاستا يۈز بىردۇ

كەپەم alwun 91℃ 0

نۇرغۇن ئىشلار ئاستا-ئاستا يۈز بېرىدۇ

دىلئاچار

نۇرغۇن ئىشلار ئاستا-ئاستا يۈز بېرىدۇ
ئېنىقسىز، تاسادىپ، بىلىنمەي؛
«يېڭى ھايات»نىڭ مەجنۇنلىرى تۇيۇقسىز غايىب بولىدۇ
ئۆلۈملەرگە ھېچكىم مەسئۇل بولمايدۇ؛
بەزى ئىشلار بىلمىگەنلىككە سېلىنىدۇ
بەزى ئىشلارغا سۈكۈت قىلىنىدۇ
بەزى ئىشلارنى چىداپ تۇرۇپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ؛
مۇھەببەت دەپ نېمىگە دېيىلىدۇ؟
ئاشىق بىلەن مەشۇقنىڭ جاۋابى مەڭگۈ ئوخشاش بولمايدۇ؛

بەزى ئىشلار ئاستا-ئاستا يۈز بېرىدۇ
تۇيۇقسىز بىر كۈنى ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ.
رومان ئوقۇشلارمۇ ئۇنتۇلىدۇ؛
ئادەم ئاستا-ئاستا چوڭ بولىدۇ
ھاياتنىڭ ئۇششاق ئىشلىرى كۆپ بولىدۇ
بىراۋنىڭ يىغىسى مەڭگۈ باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ
بەزى ئىشلاردا رەھىمسىزلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ
بەزى ئىشلاردا يۈزسىزلىك قىلسا بولمايدۇ
بەزى ئىشلارنى ئۆمۈر بويى قىلمىسىمۇ بولىدۇ
بەزى ئىشلار ئادەمنى ساراڭ قىلىدۇ
بەزى ئىشلار ئادەمنى سىنايدۇ
بەزى ئىشلار ئادەمنى ئادەم قىلىدۇ
دۇنيا يەنىلا ھەممىگە سەۋر قىلىدۇ
مۇھەببەت پىشانىگە پۈتۈلەمدۇ؟
جاۋابىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.

نۇرغۇن ئىشلار ئاستا-ئاستا يۈز بېرىدۇ
ئارزۇلار ئۇشتۇمتۇت كىچىكلەپ كېتىدۇ؛
جىمجىتلىق ۋە مۇزىكا مەڭگۈ ئۆكسىمەيدۇ
ھەسرەت ئاداققىچە داۋاملىشىدۇ
ئادەم تەدرىجىي ئۆزگىرىدۇ ياكى كونىرايدۇ
بەزى ئىشلارنىڭ سەۋەب-نەتىجىسى بولمايدۇ
بەزى ئىشلارنىڭ قانۇنىيىتى بولمايدۇ
بەزى ئىشلارنى داۋاملىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ
بەزى ئىشلار مەڭگۈ ئادىمىيلىككە تاقاشمايدۇ.

(1)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى